خەت نۇسخىسى
 
 
تارماق سەھىپىلەر
 
 
مەكتەپ ھەققىدە
 

 يىڭى نۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىق مەركىزى ھەققىدە:  
مەكتىپىمىز 2002-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان مەخسۇس  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پۈتۈن كۈنلۈك مۇنتىزىم 8سائەت ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان،قىسقا مۇددەتلىك(كەچلىك،شەنبە-يەكشەنبىلىك،تەتىللىك)ئوقۇتۇشنى قوشۇمچە قىلغان تەربىيىلەش ئاپپاراتى.
  

مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ تەرەققىيات قانۇنى» نى ئاساس قىلىپ، قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قائىدە –تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيلەش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، پەزىلىتى ئىسىل، ھاياتى كۈچكە تولغان، جەمىئەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان ياراملىق خادىملارنى تەربىيلەپ چىقىش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، ساپاسى ئەلا، توختىماي ئىزدىنىدىغان، ئىناق، ئالغا ئىنتىلىدىغان ئۇقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش؛ مەكتەپ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىپ، سىجىل تەرەققى قىلغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى داڭلىق مەكتەپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىدىيىنى ئوتتۇرغا قويدى. 
 مەكتىپىمىز2002-يىلىدىن تا ھازىرغىچە سەككىز قارار پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تەييارلىق سىنىپى ئىچىپ نوقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسپىتىنى %90تىن ئاشۇرۇپ كەڭ جامائەت ۋەئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىپ كەلدى،بۇ 8يىللىق جاپالىق ئەمگەك نەتىجىسىدە2010-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىمىز ئالىيە قاسىم ئاپتۇنۇم رايونىمىز بويىچە ئەلىيولئەلا بولۇپ مەكتىپىمىزگە ئالاھىدەشان-شەرەپ كەلتۇردى،2011-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى تىخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈچ قىتىملىق مانىۋىر ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ مەيلى يەككە پەنلەردىكى نەتىجىسى بولسۇن ياكى ئومومىي نومۇرى جەھەتتە بولسۇن ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى ۋە بىر قىسىم پەنلەردە ئەڭ يوقىرى نومۇر ئىلىش رىكورتىنى ياراتتى ،شۇنداقلا ھەر قايسى مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى مۇتەخەسىسلەر ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرىشتى.
مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە يۇكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كۈچلۇك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جانلىق، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىلغار بولۇپ، ھازىر بۇ مەكتەپتىكى مۇنتىزىم ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 500دىن قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇغۇچى سانى1000دىن ئاشتى، مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچى سانى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، جەمىئىيەتكە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشتا تىگىشلىك ھەسسىسىنى قوشتى. نۆۋەتتە مەكتىپىمىز يۇقىرى دەرىجىلىق ئورۇنلار، رەھبەرلەر ۋە جەمىئەتتىكى ھەرساھە كىشىلىرىنىڭ كۈيىنىشى، ياردىمى، قوللىشى شۇنداقلا مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى –خىزمەتچىلەرنىڭ توختىماي تىرىشىشى ئارقىسىدا تېز تەرەققى قىلىپ، كۆلەملەشكەن، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىلغار، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى، مۇھىتى ياخشى، باشقۇرۇشى مۇنتىزىم نۇقتىلىق تەربىيلەش ئورنىغا ئايلىنىپ ئوخشاش خىلدىكى مەكتەپلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى..
مەكتىپىمىز ئىلمىي ۋە جانلىق بولغان باشقۇرۇش ئۇسۇلى،كۈچلۈك بولغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتىكى قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرى ئارقىلىق  ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت،ناھىيە،شەھەر ،يىزا-قىشلاقلىرىدىكى مەكتىپىمىزگە كىلىپ قايتا  ئوقۇش ئارزۇسى بار ساۋاقداشلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆرلەپ ئوقۇشىدىكى سەكرەش تاختىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ،ناھىيە، شەھەر ،يىزا-قىشلاقلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردىغان،ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان ،ۋە يىڭى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان سورونىغا ئايلاندى.
ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى جەھەتتە تىخىمۇ مۇكەممەللەشكەن بولۇپ مەكتىپىمىز ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشقا يەنەئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ،17-ئوتتۇرا،20-ئوتتۇرا ،23-ئوتتۇرا قاتارلىق نوقتىلىق ئوتتورا مەكتەپلەرنىڭ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ئۇلار مەكتىپىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەقىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىدە،شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ زەپەر قۇچىشىدا ئۆزلىرىنىڭ تىگىشلىك ھەسسىلىرىنى قوشۇۋاتىدۇ ۋە قوشماقتا.
مەكتىپىمىز ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كىلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە تاماق مەسىلىسىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ ئازادە ياتاق مۇھىتى ۋە ئاشخانا شارائىتى سىزنىڭ تىخىمۇ خاتىرجەم ئۆگىنىش قىلىشىڭىزغا ماددىي ئاساس يارىتىدۇ.مەكتىپىمىزنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى شۇكى مەكتىپىمىزدە سىنىپلار بىلەن ياتاق بىر بىنانىڭ ئىچىدە بولۇپ بىخەتەر ۋە قولايلىق.
مەكتىپىمىزدە يىرىم يىپىق ھالەتتىكى باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ ھەر بىر سىنىپقا مەخسۇس سىنىپ مەسئۇللىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيىسى،ئۆگۈنۈشى، تۇرمۇشى قاتارلىقلارنى باشقۇرىدۇ،مەخسۇس باشقۇرغۇچى خادىملار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرىنى،ياتاق،بىخەتەرلىك ئىشلىرى ۋە ئىنتىزامىنى باشقۇرىدۇ.
 پۈتكۈل ئوقۇتۇش جەريانى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنۈپ ئىلىپ بىرىلىدۇ
بىرىنچى باسقۇچ(يەنى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش باسقۇچى)
     بۇ باسقۇچتا ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭىدىن بىر تۇتاش تارقىتىپ بىرىلگەن ئەڭ يىڭى تەكرار ماتىريالى بىلەن دەرىسلىك كىتاپنى مەركەز قىلىپ،مۇناسىۋەتلىك ئاساسى ئۇقۇم ۋە ئاساسى نەزەرىيىلەرنى تولۇق بىر قىتىم تەكرا قىلىپ ئۆتىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ(مۇھىم نوقتىنى ھەل قىلىش ۋە قىيىن نوقتىنى بۆسۇپ ئۆتۇش باسقۇچى ): 
     بۇ باسقۇچتا ھەر قايسى دەرىسلىك مەزمۇنلىرى شۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىزاھاتىدىكى تەلەپلەر ئاساسىدا،تىخىمۇ بىر قەدەر ئىلگىرلىگەن ئاساستا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ تەكرا قىلىنىدۇ.ھەمدە ھەرقايسى پەنلەردىن ئايرىم-ئايرىم 15 يۈرۈش سۇئال ئىشلىنىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ(ئىمتىھان ئالدىدىكى قىزىق نوقتىلارنى كۈچەيتىش باسقۇچى):
     بۇ باسقۇچتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسى ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىسىنى پىششىقلاش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش باسقۇچى بولۇپ،ئومومىيۈزلۈك خۇلاسە چىقىرىش ئاساسىدا،كۆپلەپ مەشىق-مىسال ۋە تەقلىدى ئىمتىھان سوئالىنى ئىشلەش ئارقىلىق،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.
بىزنىڭ ئالاھىدىلىكىمىز؛
1.داڭلىق ئوتتورا مەكتەپلەرنىڭ تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلىرى دەرىس ئۆتىدۇ.
2.ھەپتىدە پەقەت بىر كۈن ئارام ئالىدۇ،قالغان كۈنلىرى تولۇق 8سائەت ئوقۇيدۇ.
3.ماتىماتىكىدا ئاساسى ئاجىز ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم مۇزاكىرە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
4.ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرىدىن كىلىپ قايتا ئوقۇغانلارغا تىل-ئەدەبىيات دەرىسى كۈچەيتىپ ئۆتۈپ بىرىلىدۇ.
5.ئۈرۈمچى رايونى سىرتىدىكىلەر ئۈرۈمچىدە بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئگە بولالايدۇ،شۇنداقلا ياتاق بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
6.ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈپ مەكتىپىمىز نامىدا بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئارزۇسى بارلارنىڭ تەلىپى قانائەتلەندۈرۈلىدۇ.
7.ئوقۇش ئارزۇسى كۈچلۈك،ئەمما ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بارلارغا ئېتىبار قىلىنىدۇ
8.ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى كۈرۈنەرلىك بولۇپ ئارزۇسىغا يىتەلمىگەن ساۋاقداشلارئەگەر توختامدىكى نومۇر چىكىگە يەتسە توختام مەزمۇنىدىكى نىسبەت بويىچە ئوقۇش پۈلىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ 
مەكتىپىمىزنىڭ 2012-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل  قىلىش  نىشانى ۋە پىلانى تۆۋەندىكىچە:
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىشانى:  
(1) قايتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار.
(2) ئۈچ خىل تىخنىكۇم مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تىخىمۇ يوقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار.
(3) نۆۋەتتىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى(يەنى تولۇق 2-يىللىقنى پۈتتۈرۈپ تولۇق 3- يىللىقنى مەكتىپىمىزدە ئوقۇش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار).
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى:
(1) ئادەتتىكى تەبىئي پەن سىنىپىغا 200نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.
(2) ئادەتتىكى ئىجتىمائىي پەن سىنىپىغا 100نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.
(3) قوش تىللىق سىنىپىغا200نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى:
(1) ئىدىيە-ئەخلاق پەزىلىتى ياخشى بولۇشى،تەرتىپ-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان بولۇشىكىرەك،ئەكسىچە ئىنتىزامسىزلىق ئەھۋالى كۈرۈلسە ،توختام مەزمۇنى بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
(2) ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقى يوقىرى بولۇش،ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ،ساۋاقداشلار بىلەن ئىناق ئۆتەلەيدىغان ھەمدە سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ.
(3) ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار يوتقان-كۆرپىنى ئۆزى ئىلىپ كىلىدۇ.
(4)قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ئىلىكتىرۇنلۇق ئەسۋاپلارنى ئىلىپ كەلمەسلىكى كىرەك،ئەگەر ئىلىپ كىلىپ يۈتۈپ كەتسە مەكتەپ مەسئوليەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 
(5)ئوقۇغۇچىنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشقا ۋە كىلەر يىللىق ئىمتىھانغا تىزىملاشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ماتىرياللارنى تولۇق ئالغاچ كىلىشى كىرەك.يەنى:ئوتتۇرا مەكتەپنى ياكى تىخنىكۇمنى پۈتتۈرگەن دىپلۇمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى،ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋە ياكى بولمىسا نومۇرى،نوپۇس دەپتىرىنىڭ باش بىتى ،ئاتىسىنىڭ بىتى ،ئانىسىنىڭ بىتى ۋە ئۆزىنىڭ بىتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئالغاچ كىلىشى كىرەك.
(6) يالاڭباش چۈشكەن بىر سۇڭلۇق رەسىمدىن 8 پارچە ئالغاچ كىلىشى كىرەك  

(7)ئەگەر سىز بىر يىللىق شەنبە-يەكشەنبىلىك ۋە قىشلىق تەتىللىك ئوقۇش ھەققى ئۈچۈن 1000يۈەن تاپشۇرسىڭىز ئوخشاشلا بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشالايسىز.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىزىق لىنىيىسى؛
               
          13209939471            15299077730              6229339-0991 

ئالاقىلاشقۇچىلار؛    ئالىمجان مۇئەللىم   ،    مەرھابا مۇئەللىم     

مەكتىپىمىز ئادرىسى؛
        ئۈرۈمچى شەھىرى ئتتىپاق يولى شىمالى 3-كوچا 2-نومۇر(يەنى شىنجاڭ سىرىك ئۆمىكى يىنىدا) . 
10-،60-،61-،65-،70-،301-،920-يول ئاپتۇبوسىغا ئولتۇرۇپ6-ئوتتۇرا مەكتەپ بىكىتىدە چۇشسىڭىز بولىدۇ.   

دوستانە ئۇلانمىلار
||
|| ||
||
||

(مەكتەپ ئادرىسى:ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى شىمالىي 3-كوچا 2-نومۇر(شىنجاڭ سىرىك ئۆمىكى يىنىدا

 
10-،60-،61-،65-،70-،301-،920-
يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ 6-ئوتتۇرا مەكتەپ بىكىتىدە چۈشسىڭىز بولىدۇ.
Tel :0991-6229339 , 15299077730 , 13209939471 邮箱:1533938454@qq.com، QQ:1533938454
Copyright © 2010-2011 Yenginur All rights reserved. 新光高考复读中心版权所有

 

بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ يېڭى نۇر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەييارلىق مەركىزىگە تەۋە

تور بېكەت ئىشلىگۈچى ئورۇن : شىنجاڭ چىمبۇلاق تور قۇرۇلۇشى لايىھىلەش خىزمەتخانىسى -13999846461