مەكتىپىمىزنىڭ 2016-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى

تۈرى: مەكتەپ ئۇچۇرلىرى | كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: | ئاۋاتلىقى: 6753

مەكتىپىمىزنىڭ 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىق سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. 
(1)قايتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ تىزىملايدۇ،8-ئاينىڭ 20-كۈنى دەرس باشلايدۇ.
(2)مەخسۇس نۆۋەتتىكى تولۇق3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان بىر يىللىق پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمدىكى سىنىپلارنىڭ تىزىملاش خىزمىتى2016-يىلى6-ئاينىڭ10-كۈنى رەسمىي باشلىنىدۇ ،7-ئاينىڭ 10-كۈنى دەرس باشلايدۇ.
(3)ئانا تىل-يېزىقىدىكى سىنىپ ۋە قوش تىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ۋە ماتېرىيال پۇلى ئۈچۈن 10000يۈەن، خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بىرىدىغان مىللىيلار (民考汉) سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ۋە ماتېرىيال پۇلى ئۈچۈن 15000يۈەن تاپشۇرىدۇ.
(4)مەكتىپىمىزنىڭ سىنىپ ۋە ياتاقلىرى بىر ئورۇندا بولۇپ بىخەتەر ھەم قولايلىق. بىر يىللىق ياتاق ھەققى ئۈچۈن 1800يۈەن تاپشۇرىدۇ.
(5)ئاۋۋال15كۈن دەرس ئاڭلاپ،رازى بولسىڭىز ئاندىن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.
(6)ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەكرارىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان تەجرىبىلىك، مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتىدۇ.
(7)ھەر ھەپتىدە بىر كۈن ئارام ئالىدۇ ، قالغان كۈنلىرى مۇنتىزىم ئوقۇيدۇ ، ھەركۈنى كەچ ئۈچ سائەت شىنجاڭ ۋاقتى(6:30-9:30) ئوقۇتقۇچىلار يېتەكچىلىكىدە مەخسۇس مۇزاكىرە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
(8)ئاساسى ئاجىز ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسى پەنلەردىن ھەقسىز ئايرىم كۈچەيتىلىدۇ.
(9)ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىدىن كېلىپ،قايتا ئوقۇغانلار قوش تىللىق سىنىپقا تىزىملاتسا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسى ھەقسىز كۈچەيتىپ ئۆتۈپ بېرىلىدۇ.
(10)خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىدىغان مىللىيلار (民考汉)سىنىپلىرىغا پۈتۈنلەي خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار دەرس بېرىدىغان بولۇپ ، ئاساسى ئاجىز ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسى پەنلەردىن ھەقسىز ئايرىم كۈچەيتىلىدۇ.
(11)گۈزەل-سەنئەت،مۇزىكا،تەنتەربىيە قاتارلىق ئالاھىدە كەسىپلەردىن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەبىيات،ماتىماتىكا،خەنزۇتىلى،ئىنگىلىزتىلى پەنلىرى ئالاھىدە كۈچەيتىلىدۇ،كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئالاقىلىشىپ بېرىلىدۇ.
(12)ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن مەخسۇس خادىملار ۋە مۇتەخەسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى تەييارلىق ۋە پىسخولوگىيە توغرىسىدا ، ئىمتىھاندىن كېيىنكى ئارزۇ تولدۇرۇش ۋە ئالاقىدار مەزمۇنلار توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
(13)مەكتىپىمىزدە يېرىم يېپىق ھالەتتىكى باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ،ھەر بىر سىنىپقا مەخسۇس سىنىپ مەسئوللىرى بەلگىلەنگەن بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيىسى ، ئۆگىنىشى ، تۇرمۇشى قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، مەخسۇس باشقۇرغۇچى خادىملار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرىنى  ، ياتاق ، بىخەتەرلىك ئىشلىرى ۋە ئىنتىزامىنى باشقۇرىدۇ. 

 
2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تەييارلىق سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر:
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبېيكتى

 (1)قايتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار .
 (2)تۈرلۈك تېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار .
 (3)نۆۋەتتىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى(يەنى تولۇق 2-يىللىقنى پۈتتۈرۈپ تولۇق 3-يىللىقنى مەكتىپىمىزدە ئوقۇش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلار ).

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى :
 (1)ئادەتتىكى تەبىئي پەن سىنىپ (پۈتۈنلەي ئانا تىلدا دەرس سۆزلىنىدىغان سىنىپ )ئىككى سىنىپ ئېچىلىدۇ.
 (2)ئادەتتىكى ئىجتىمائىي پەن سىنىپ(پۈتۈنلەي ئانا تىلدا دەرس سۆزلىنىدىغان سىنىپ )بىر سىنىپ ئېچىلىدۇ.
 (3)قوش تىللىق تەبىئي پەن سىنىپ (ئەدەبىياتتىن باشقىسى خەنزۇچە سۆزلىنىدىغان سىنىپ )تۆت سىنىپ ئېچىلىدۇ.
 (4)قوش تىللىق ئىجتىمائىي پەن سىنىپ( ئەدەبىياتتىن باشقىسى خەنزۇچە سۆزلىنىدىغان سىنىپ)بىر سىنىپ ئېچىلىدۇ.
 (5)خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بىرىدىغان مىللىيلار تەبىئي پەن سىنىپى(民考汉理科班) پۈتۈنلەي خەنزۇ تىل- يېزىقىدا دەرس سۆزلىنىدىغان سىنىپ بولۇپ ئىككى سىنىپ ئېچىلىدۇ.
(6)خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بىرىدىغان مىللىيلارئىجتىمائىي پەن سىنىپى(民考汉文科班) پۈتۈنلەي خەنزۇ تىل- يېزىقىدا دەرس سۆزلىنىدىغان سىنىپ بولۇپ بىر سىنىپ ئېچىلىدۇ
.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتلىرى:
(1)ئىدىيە-ئەخلاق پەزىلىتى ياخشى ، تەرتىپ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان بولىشى كېرەك ،  ئىنتىزامسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلسە ، توختام مەزمۇنى بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
(2)ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىناق ئۆتەلەيدىغان ، سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ.

 تەلەپ ۋە بەلگىلىمىلەر: 
(1)ياتاقتا يىتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار يوتقان-كۆرپىنى ئۆزى ئىلىپ كىلىدۇ.
(2)قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەت ۋە ئىلىكتىرۇنلۇق ئەسۋاپلارنى ئىلىپ كەلمەسلىكى كېرەك ، ئەگەرئىلىپ كىلىپ يۈتۈپ كەتسە مەكتەپ مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
(3)ئوقۇغۇچىلار ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشقا ۋە كىلەر يىللىق ئىمتىھانغا تىزىملاشقا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ماتىرياللارنى تولۇق ئىلىپ كىلىشى يەنى؛ ئوتتۇرا مەكتەپنى ياكى تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن دىپلۇمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى،ئەگەر مەكتەپ پۈتتۈرۈش دىپلۇمىنى مەكتەپتىن تېخىچە تارقاتمىغان بولسا ئۇنداقتا شۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىك ئىسپاتىنى ئىلىپ كىلىشى ،ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋە ياكى بولمىسا كىنىشكە نومۇرى ، نوپۇس دەپتىرىنىڭ باش بىتىنى،ئاتا-ئانىسىنىڭ بىتىنى ۋە ئۆزىنىڭ  بىتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىلىپ كىلىشى كېرەك.
(6) يالاڭباش چۈشكەن بىر سۇڭلۇق رەسىمدىن 8پارچە ئىلىپ كىلىشى كېرەك.


 مەكتەپ ۋە تىزىملاش ئورنى:ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا (6-ئوتتۇرا بىلەن 14-ئوتتۇرىنىڭ بىرلەشكەن نامى)مەكتەپنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفۇنى:            
 15299077730    6229339-0991   8552462-0991
ئالاقىلاشقۇچى: يېڭى نۇر مەكتىپى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن مەرھابا مۇئەللىم.
 10-،60-،61-، 70-،301-،920-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ 6-ئوتتۇرا مەكتەپ بىكىتىدە چۈشۇپ ئاسما كۆۋرۈكتىن ئۆتسىڭىزلا بولىدۇ.  

 
 
  مۇندەرىجە
 
  • 2016-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنا
  • زەپەر قۇچقان ئوقۇغۇچىلارنى تەبىرىكلەيمىز
  • مەكتىپىمىز خەلىق ئىشلار مىنىستىرلىكى تەر
  • ش ئۇ ئا ر 2014ـ يىللىق ئادەتتىكى ئالى مە
  • ش ئۇ ئا ر 2014-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مە
  • مەكتىپىمىزنىڭ 2016-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل
  • 2-مەۋسۈملۈك يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى داۋاملىق
  • ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى 33ئالىي مەكتەپ ئە
  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەيييارلىنىپ بو
  • يىزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھ
  • تىخىمۇ كۆپ يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ داڭلىق م
  • بۇ يىل ئارزۇ تولدۇرۇش توردا ئىلىپ بېرىلى
  •  
  • ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ يىقىنقى 3يىلدىكى ئ
  •  
  • 2011-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە
  •  
  • مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە،شەھەرلىر
  •  
  • مەكتىپىمىز 2012- يىلى ئىلغار ئورۇن بولۇپ
  •  
  • مەكتىپىمىز 2011- يىلى ئىلغار ئورۇن بولۇپ
  •  
  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەيييارلىنىپ بو
  •  
  • يىزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھ
  •  
  • 12000يۈەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىلدى
  •  
  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا پىسخىك جەھەتتىك
  •  
  • شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغ
  •  
  • 2011-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىي
  •  
  • 5000يۈەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى سىزنى كۈتمە
  •  
  • ئىمتىھانغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ
  •  
  • مەكتىپىمىزنىڭ يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل ق
  •  
  • ئوقۇغۇچىمىز ئالىيە قاسىم ئۈرۈمچى شەھىرىن
  •  
     
     
    باشقۇرۇش | سۆز قالدۇرۇش | توردا تىزىملىتىش | مەكتەپ ئالبومى | ئالاقىلىشىشڭ | مەكتەپ ھەققىدە | باش بەت

    Copyright © 2010-2014 Yenginur All rights reserved.  新光高考复读中心版权所有  新ICP备15002155号-1